‫Signal غا ئىئانە قىلىڭ

باشقا ئىئانە ئۇسۇللىرى

Signal سانلىق مەلۇماتىڭىز ياكى پايدىنى دەپ ئەمەس، بەلكى سىزنى دەپ قۇرۇلغان. ئوچۇق مەنبە مەخپىيەتلىك تېخنىكىسى ئارقىلىق ئوي-پىكىرنى ئەركىن ئىپادىلەشنى ۋە دۇنياۋىي ئالاقە بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۇرچىمىز سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. بىخەتەر ئۇچۇرلىشىش. ئېلان، ئىز قوغلاش، نازارەت قىلىشتىن خالىي.

دۇنيادىكى مىليونلىغان Signal نى ئىشلىتىد��غان كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمېتېر ۋە كەڭ بەلباغ تورى تەمىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، Signal نى ئېچىش ۋە ئۇنى ئاسىراش خىزمىتىنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئىئانىڭىز بىلەن بولىدۇ.

ئىئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئېلخەت ئادرېسى تەمىنلىگەن بولسىڭىز، باج خاتىرىڭىز ئۈچۈن جەزملەش ئۇچۇرى ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا يوللىنىدۇ. Signal تېخنىكا فوندى تاپاۋەتسىز مۇستەقىل پاراۋانلىق ئورگىنى بولۇپ، «ئا ق ش دۆلەت ئىچى باج قانۇنى» 501c3 ماددىسىغا ئاساسەن باجدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. فېدېراتسىيە باج IDنومۇرىمىز 82-4506840.

ئ‍ەسكەرتىش: پەقەت Signal ئەپىنىڭ ئىچىدىلا ئىئانە قىلغاندا ئاندىن Signal ھېساباتىڭىزغا مېدال قوشۇلىدۇ.


باشقا ئىئانە ئۇسۇللىرى

Signal ئىئانىنى مەخپىيلەشتۈرۈلگەن پۇل (cryptocurrency)، پاي چېكى ۋە ئىئانە فوندلىرىنىڭ (DAF)سوۋغىتى قاتارلىق شەكىللەردە قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ئىئانىلەر The Giving Block ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئامېرىكىدا ئىئانىڭىزنىڭ بازار قىممىتى بويىچە باج كېمەيتمەكچى بولسىڭىز، باج تالونىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بىر ئېلخەت ئادرېسى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. The Giving Block مەخپىيلەشتۈرۈلگەن پۇل (cryptocurrency) ياكى DAFs ئارقىلىق قىلغان نامسىز ئىئانىلەرنىمۇ قۇبۇل قىلىدۇ.

ئ‍ەسكەرتىش: پەقەت Signal ئەپىنىڭ ئىچىدىلا ئىئانە قىلغاندا ئاندىن Signal ھېساباتىڭىزغا مېدال قوشۇلىدۇ.